UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىپىيزەك

پىيزەك

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قىياقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پىيزەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، غولىنىڭ تۈۋىدە شارسىمان تۈگۈنەك يىلتىزى بولىدۇ، غولى ئۈچ قىرلىق، تىك، سىلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى يىپسىمان، يوپۇرماق غىلىپى ئۇزۇن بولۇپ، غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ، مۇرەككەپ باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، كىچىك باشاقچىلىرىنىڭ سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ، شەكلى سوقىچاق، ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئۈچ تال بولۇپ، گۈل رېتىدىن ئۇزۇنراق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، سىرتقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، كېسىپ يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى ئاچچىقسۇدا قورۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سازلىق، دەريا بويىدىكى سۇ توختاپ قالغان يەر ۋە ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. قاننى جانلاندۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. پىيزەك ۋە ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام پىيزەكنى 12 گام كىرەش، ئالتە گرام زاراڭزا چېچىكى، 15 گرام خام ئەگرىسۇنا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، خۇن توختاش ۋە ھەيز كەلمەي، دوۋسۇن بېشى ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيزەكتىن 12 گرام، كىرەشتىن 10 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 15 گرام، پەربۇندىن 12 گرام، ئارپا ئۈندۈرمىسىدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى