UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتەڭگىيوپۇرماقگۈل

تەڭگىيوپۇرماقگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، تەڭگىيوپۇرماققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسكەن، ئىنچىكە ئۇزۇن بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تېگىدىن توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، دۈگىلەك يۈرەك شەكىلدە، گىرۋىكى دولقۇنسىمان چىشلىق، يوپۇرماق يۈزى قارامتۇل يېشىل، دۈمبىسىدە زىچ ئاق تېۋىتلار بولىدۇ؛ گۈل شېخىنى تېۋىتلىق تۈكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، 10 نەچچە دانە ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرى غولىدا نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل بىخى كۈزدە شەكىللىنىپ، باش باھاردا چېچەكلەيدۇ، گۈل رېتى باشسىمان بولۇپ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق، گۈل غۇنچىسى جىگەررەڭ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل غۇنچىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ باش باھاردا، توپىدىن چىقماي تۇرغان مەزگىلدە گۈل غۇنچىسىنى كولىۋېلىپ، توپىلىرىنى تازىلاپ، گۈل سېپىنى ئېلىۋېتىپ، سالقىندا قۇرۇتۇپ (رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، سۇدا يۇماسلىق ۋە قول بىلەن تۇتماسلىق كېرەك) خام پېتى ياكى ھەسەل قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغلىق دەريا ۋادىلىرى ۋە ئورمانلىقلارنىڭ ئاياغلىرىدىكى نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. ئۆپكىنى يۇمشىتىش، يۆتەل توختىتىش، يەل ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 20 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تەڭگىيوپۇرماقگۈلدىن 12 گرام، شاقاقۇلدىن 20 گرام، سوغىگۈل يىلتىزىدىن 12 گرام، ئىشلەنگەن پىبا دەرىخى يوپۇرمىقىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە قۇرۇق يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام تەڭگىيوپۇرماقگۈلنى 18 گرام سوغىگۈل، 20 گرام ئۆرۈك مېغىزى، 35 گرام ناۋات بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرام تالقاننى تاماقتىن كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تەڭگىيوپۇرماقگۈل، قوقانگۈل، ئېشەكيېلىمى ۋە شاقاقۇلنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىن بولغان يۆتەل ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام تەڭگىيوپۇرماقگۈلنى 10 گرام ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى، 12 گرام خام گەج، سەككىز گرام چاكاندا، يەتتە گرام زۇلفا ئۇرۇقى، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى