ئاقباشئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئاقباشئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنىدە ئۇزۇن ئاق تېۋىتلار بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى تۈۋىدىن ئۆسكەن بولۇپ، ساپىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، يوپۇرماقلىرى ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان ياكى تولۇق يېرىلغان، ئومۇمىي ئورىغۇچىسى نۇرغۇن يېرىقچىلارغا يېرىلغان بولۇپ، ھەربىر يېرىقچىلىرى يىپ شەكلىدە بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسكەن بولۇپ، ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ گۈلى قىزغۇچ سۆسۈن، نۇرغۇنلىغان ئورۇق مېۋىلىرى توپلىشىپ باشسىمان شەكىل ھاسىل قىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ ئۇچىدا ئاق رەڭلىك پەيسىمان گۈل تۈۋرىكى ساقلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك يىلتىزىنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، پاكىزە يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ يانباغرى ئوتلاقلىرى ۋە ئورمان ئارىسىدىكى بوش يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
زەھەر تارقىتىش، قاننى سوۋۇتۇش، تولغاق توختىتىش، قىزىتمىنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاقباشئوتتىن 20 گرام، مامرانچىندىن سەككىز گرام، زىرىقتىن 10 گرام، ئەرمۇدۇن قوۋزىقىدىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام،
ماڭداردىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە ئاميوبالىق تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئاقباشئوتنى 12 گرام زىرىق، 20 گرام تەسۋىقوناق، 18 گرام قىزىل چوغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ
كېلىش ۋە سېرىق، سېسىق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاقباشئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تەڭگە تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.