UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىنەرگىس گۈل

نەرگىس گۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ تاشسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تۇخۇم شەكىللىك، يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك، گۈلى ئاق، ئوتتۇرىسى سېرىق ۋە كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە، خۇشبۇي پۇرايدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە گۈلى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ماددىلارنى تارقىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ھامىلە چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ ئالتە گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. نەرگىس گۈلىنىڭ يوپۇرمىقىنى پۇراپ بەرسە، بەلغەم ۋە سەۋدا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، سوغۇقتىن بولغان نەزلە ۋە زۇكاملارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. نەرگىس گۈلىنىڭ گۈلىنى ئېزىپ باشقا چېپىپ بەرسە، يارىنى تازىلاپ، نەزلىنى توسىدۇ. نەرگىس گۈلىنىڭ قۇرۇق يىلتىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، داكىدىن ئۆتكۈزۈپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە كۆكرەكنى تازىلايدۇ. نەرگىس گۈلىنىڭ قۇرۇق يىلتىزىنى ئېزىپ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك ۋە ئاشقازاننى تازىلايدۇ. 12 گرام نەرگىس گۈلىنى ھەسەل سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى ھەر تۈرلۈك قۇرتلارنى چۈشۈرۈپ، دوۋسۇن ۋە بالىياتقۇ ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ. نەرگىس گۈلىنىڭ يىلتىزىنى ئۈچ كۈن سۈتكە چىلاپ، قۇرۇتۇپ، ئاندىن ئېزىپ، جىنسىي ئەزانىڭ خەتنە قىلغان جايىدىن باشقا جايغا چېپىپ بەرسە، باھنى كۈچەيتىدۇ. نەرگىس گۈلىنىڭ يىلتىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، يىرىڭلىق يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق جاراھەت، چىيقان، چاقىلارنى پىشۇرۇپ، ئېغىز ئالدۇرىدۇ ۋە تازىلايدۇ. نەرگىس گۈلىنى بۇغداي ئۇنى ياكى شىلىم، ھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تىكەن ۋە ۋاشاق ئوقىنى (ئوقيا ئوقىنى) چىقىرىپ، پەيلەردىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ. نەرگىس گۈلىنىڭ يىلتىزىنى قىزىل سەندەل، گىلى ئەرمىنى، فۇپەل، ئاقاقىيا، ھوزۇز، سەپىداپ، مەدەستانلار بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يامرايدىغان ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. نەرگىس گۈلىنى ھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوتتا كۆيگەن كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. نەرگىس گۈلىنى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، دائۇسسۆئلەب، بەھەق ۋە تېرىدىكى ئىزلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
نەرگىس گۈل | UyghurWiki | UyghurWiki