UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكۆممىقوناق

كۆممىقوناق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۆممىقوناققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى 2 ~ 3 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم چوڭ، گۈلى ئاق جىنىسلىق، ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تۈپتە بولىدۇ. دېنى سېرىق پۇرچاقنىڭكىدىن سەل چوڭراق بولۇپ، مۇھىم ئاشلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ساقىلى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا ساقىلىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئاندىن يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆل سوغۇق. سۈيدۈك ھەيدەش، ئۆت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، ئارپا قىلتىرىقىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ۋە سۈيدۈك ئازىيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام كۆممىقوناق ساقىلىنى 30 گرام سۆگەت يوپۇرمىقى، 35 گرام قىزىل ماش، 20 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساق تاش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام، جىنتىيانادىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت يولى تېشى ۋە سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆممىقوناق ساقىلىنى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ ھۆل يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يول تېشى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كۆممىقوناق | UyghurWiki | UyghurWiki