قۇندۇز ئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قۇندۇز ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قۇندۇز ئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 120 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى قىيپاش ئۆسكەن، چاچما يىلتىزى ئىنتايىن كۆپ، غولى تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى بولمايدۇ، سانى 19 - 25 گىچە، شەكلى تېمىنىسىمان بولىدۇ؛ گۈل رېتى چەكلىك كۈنلۈكسىمان، رەڭگى سۇس كۆك، مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى سوقىچاق، ئۇرۇقى ياپىلاق تۇخۇمسىمان بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، لاي، توپىلىرىنى تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى ئوتلاقلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بەلغەمنى يۇمشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش، قان توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قۇندۇز ئوتتىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز ئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، بەلغەم كۆپىيىش، تۇتقاقلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ھەيز كۆپ
كېلىشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قۇندۇز ئوتنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.