UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچۇغۇندان

چۇغۇندان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، چۇغۇندانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 70 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن بەدىنى ئاق - كۈل رەڭ يۇمشاق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمىدا ئىنچىكە يۇمشاق شاخلىرى بار؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان تولۇق يېرىلغان يوپۇرماق بولۇپ، يېرىقچىلىرى يىپسىمان بولىدۇ؛ ئومۇم گۈل رېتى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى سېرىق، مېۋىسى ئۇزۇن، مۈڭگۈزلۈك، يىپسىمان شەكلىدە، مېۋە ساپىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئۇرۇقى كىچىك، شەكلى تۇخۇمسىمان ياپىلاق، رەڭگى قوڭۇر كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندا يەر ئۈستىدىكى قىسمىنى ئورۇۋېلىپ، سوقۇپ چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى ئايرىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى ئۇرۇقىنى قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز ياقىلىرى ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. بەلغەمنى يۇمشىتىش، دەم سىقىلىشنى بېسىش، ئۆپكىنى تازىلاش، سۇيۇقلۇقنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 12 گرام چۇغۇندان ئۇرۇقىنى 10 تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، كانايچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. چۇغۇندان ئۇرۇقى، كاۋاۋىچىن، رەۋەن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 70 گرامدىن، قۇشقاچتىلىدىن 35 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 ~ 8 گرامدىن ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، جىگەر قېتىشىشتىن بولغان قورساققا سۇ يىغىلىش ۋە سۈيدۈك ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سوقۇلغان چۇغۇندان ئۇرۇقىنى 30 گرام ئۆرۈك مېغىزى، 70 گرام ئىشلەنگەن چاكاندا، 140 گرام ئۈچكىسى ئېلىۋېتىلگەن چىلان، 70 گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقدارىدىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۆتىلىپ دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل چوغۇندان چۆپىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك قان تومۇر تۈگۈنچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى