قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يۇمران مايسىسى توپلىشىپ، كاللەك بولۇپ ئۆسىدۇ، غول يوپۇرماقلىرىنى ئۇششاق ئاق تۈكلەر قاپلىغان بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى بىلەن تۈكلەر تەدرىجىي چۈشۈپ كېتىدۇ؛ يۇمران مايسا ۋاقتىدىكى يوپۇرمىقى ئىنچىكە يېرىلغان بولۇپ، يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرى يىپ شەكلىدە بولىدۇ، شېخىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى بولمايدۇ، شەكلى يىپسىمان كېلىدۇ؛ گۈل رېتى باشسىمان، رەڭگى سۆسۈن ياكى يېشىل بولۇپ، زىچ توپلىشىپ كونۇسسىمان شەكلىنى ئالىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز پەسلىدە يۇمران مايسىسى بەش ~ يەتتە سانتىمېتىر ئۆسكەن چاغدا يۇلۇۋېلىپ يىلتىز ۋە ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ، سالقىندا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىلىرى، دالا، ئېتىز ۋە يول ياقىلىرىدىكى تاشلىق يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىسسىق قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى تارقىتىش، سېرىقلىقنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 35 گرام، جىنتىيانادىن 15 گرام، ئوسما يىلتىزىدىن ئالتە گرام، پەربۇندىن سەككىز گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت
گرام، سوقا چىلاندىن 10 تال ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆت گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەننى 10 تال سوقا چىلان، 20 گرام كىچىك خوخا، سەككىز گرام خام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن ۋە چوڭ سېرىق پۇرچاقنىڭ ھەر بىرىدىن 140 گرامدىن ئېلىپ، بىرگە پىشۇرۇپ، پۇرچىقىنى يەپ بەرسە، جىگەر
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، 12 گرام قورۇلغان پەربۇن، 35 گرام كۈمۈشئوت، 30 گرام چۈچۈكبۇيا، 15 گرام قىزىل چۇغلۇق، 12 گرام
قانىسە، 10 گرام ياۋا كەشمىر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغى ۋە ئۆت تاش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.