ئاق چۇغلۇق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۇغلۇققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، دۈگىلەك تۈۋرۈكسىمان، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر، كەسمە يۈزى ئاقۇش ھال رەڭ، يىلتىز پوستى قېلىنراق بولىدۇ. غولى تىك، يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئادەتتە شاخلىمايدۇ، پارقىراق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، ئىككى قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى سوقىچاق، تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ؛ گۈلى يوغان، گۈل شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدا ئىككىدىن، بەشتىن بولۇپ ئۆسىدۇ، ئاق، قىزىل ياكى ھال رەڭلىك بولىدۇ. غۇنچە مېۋىسى 3 ~ 5 كىچە، ئۇچى ئىلمەكسىمان سىرتقا ئېگىلگەن، ئۇرۇقى قارامتۇل قوڭۇر پارقىراق كېلىدۇ. كۈز ياكى ئەتىيازدا بىخ چىقارغان يىلتىزى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك ئۈچ، تۆت يىل ئۆسكەندىن كېيىن ئەتىياز، كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، لاي - توپلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، سىرتىدىكى پوستىنى سويۇۋېتىپ، قومۇش تاياقچىنى ئوڭايلا سانجىپ كىرگۈزۈشكە بولغىچىلىك قاينىتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلەتكەندە نەملەپ، يالپاقلاپ، خام پېتى ھەم ھاراق بىلەن قورۇپ ياكى قۇم بىلەن قورۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، قاننى سوۋۇتۇش، جىگەرنى يۇمشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام ئاق چۇغلۇقنى، 12 گرام سەبدىگۈل، 30 گرام ئەگرىسۇنا، 15 گرام ياز غازىڭى، 12 گرام جىنتىيانا، 10 گرام سازاڭ بىلەن قوشۇپ، سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئاق چۇغلۇققا 12 گرام خام چۈچۈكبۇيا قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق گۆشىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە پاچاق
پېيىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام قورۇغان ئاق چۇغلۇقنى 12 گرام، خام ئەگرىسۇنا، 10 گرام ئېشەكيېلىمى (ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن)، تۆت گرام ئەمەن
يوپۇرمىقىنىڭ كۆمۈرى، بەش گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئاق چۇغلۇققا تۆت گرام قارا ئەندىز، 15 گرام مامرانچىن، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا، 20 گرام ئاقباش ئوت قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، تولغاق (قان يىرىڭلىق قۇرۇق ئىنجىق) قا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام، ئاق چۇغلۇققا 30 گرام كەتىرا، سەككىز گرام ئەينۇلا قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.