UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتوشقانئوتى

توشقانئوتى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، توشقانئوتىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن، تۈۋرۈكسىمان ياكى ئۇرچۇق شەكلىدە، قارامتۇل بېغىر رەڭدە، غولى تىك، قىرلىق ئېرىقچىلىرى بولىدۇ، سىلىق ۋە تۈكسىز كېلىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، غولدىكى يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، سېپى يوق دېيەرلىك، يوپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گىرۋىكىدە تىزىلمىغان ئۆتكۈر يۇمىلاق ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، بىر نەچچىسى غولىنىڭ ئۇچىدا شالاڭ ئۆسىدۇ ۋە قىسقا يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكلىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇجمە مېۋىسىگە ئوخشايدۇ. گۈلنىڭ رەڭگى قارامتۇل قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە ۋە كۈز پەسىلىلىرىدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەملەپ كېسىپ، يالپاقلاپ خام ياكى كۆمۈرلەندۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغنىڭ تەسكەي باغرىدىكى ئوتلاق ۋە سايلىقلاردا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ھارارەت پەسەيتىش، قاننى سوۋۇتۇپ قويۇلدۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. كۆمۈرلەنگەن توشقانئوتىدىن 35 گرام، ئاچچىقسۇدىن 140 گرام ئېلىپ، بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام توشقانئوتى يوپۇرمىقىنى تەڭ مىقداردىكى چوڭ خوخا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆمۈرلەنگەن توشقانئوتىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 ~ 8 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەت ۋە بوۋاسىردىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆمۈرلەنگەن توشقانئوتىدىن 15 گرام، چۈلۈك يىلتىز پوستىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەت ۋە بوۋاسىردىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. خام توشقانئوتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۇ كۆيۈكى ۋە ئوت كۆيۈكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام خام توشقانئوتىنى 35 گرام خام رەۋەن بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ئوت ۋە سۇ كۆيۈكىدە سۇ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. توشقانئوتى، رەۋەن، ئەڭلىكئوتنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىدىكى كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. توشقانئوتىدىن 20 گرام، ئەڭلىك ئوتتىن 81 گرام، خام رەۋەندىن 25 گرام، سېرىق مومدىن 40 ~ 55 گرام، كىرەشتىن 20 گرام، تۇخۇمەكنىڭ ھۆل يىلتىز پوستىدىن 35 گرام ئېلىپ، ئالدى بىلەن كىرەش، ھۆل تۇخۇمەك يىلتىز پوستى، ئەڭلىكئوتلارنى ئېزىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغىدىن 500 گرام قۇيۇپ، ئۈچ كۈن چىلاپ، ئاندىن سۇس ئوتتا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، كۈنجۈت يېغىنىڭ ھارارىتى 100 گرادۇس ئەتراپىغا كەلگەندە رەۋەن ۋە توشقانئوتىنىڭ تالقىنىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر تەرەپتىن قوشۇپ، بىر تەرەپتىن ئارىلاشتۇرۇپ، دورا رەڭگى ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا، ئاندىن سېرىق مومنى قوشۇپ، مەلھەم ياساپ، يەرلىك ئورۇننى تازىلاپ ئۈستىگە چېپىپ بەرسە، ئۈچىنچى دەرىجىلىك كۆيۈككە ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكنىڭ كۆپ قاقاچلىشىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
توشقانئوتى | UyghurWiki | UyghurWiki