ئۈستقۇددۇس
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئۈستقۇددۇسقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆتكۈر پۇرايدۇ، غولى ئەگرى، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل، گۈلى كۆكۈچ سۆسۈن، شېخىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسۈپ باشاقسىمان گۈل رېتى شەكىللەندۈرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
مېڭىنى تازىلاش، پەي نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش ۋە قوزغىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 9 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈستقۇددۇس، ئاقىرقەرھا ۋە سىركەنجىۋىلنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۇتقاقلىق كېسىلىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۈستقۇددۇسنى سەبرى (ئالوي) بىلەن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تىترىمە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈستىقۇددۇستىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارىمۇچ ۋە يۇمغاقسۈت قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۈستقۇددۇسنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، تىترىمە كېسەل، تۇتقاقلىق كېسەل، نەزلە، زۇكام،
ئۇنۇتقاقلىق، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.