ياز غازىڭى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ياز غازىڭىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ھەممە يېرىدە ئاق تىۋىتلىرى بولىدۇ؛ غولى تۆت قىرلىق بولۇپ،
كۆپىنچە شاخلانمايدۇ؛ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى قۇشقاچ تىلىغا ئوخشايدۇ، تولۇق گىرۋەكلىك ياكى شالاڭ ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ گۈلى
كالپۇكسىمان، رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن، گۈل ئايلانمىسى زىچ بولۇپ، ئۇچىدا باشاقسىمان گۈل رېتى ھاسىل قىلىدۇ، گۈل رېتىنىڭ تۈۋىدە بىر جۈپ
ياپراقسىمان ئومۇمىي ئورىغۇچىسى بولۇپ، ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرىدا ئۇزۇن تۈكچىلەر بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە گۈل رېتى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل رېتىنى ياز پەسلىدە گۈل باشىقى چالا قۇرغەندا يىغىپ، قۇرۇتۇپ توغراپ، ئاندىن پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى ۋە زەي جايلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياز غازىڭى، ئوغرىتىكەن ۋە تەييارلانغان چۈچۈكبۇيىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى
پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ياز غازىڭىنى، 12 گرام ئالقات، 10 گرام سەبدىگۈل بىلەن بىللە دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ
دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياز غازىڭى ۋە خام ئاق چۇغلۇقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان
بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياز غازىڭىدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، لىمفا سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام ياز غازىڭىنى، 20 گرام كۈنبۇ بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، گۈلىدەك
چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلاپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، لىمفا سىلىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ياز غازىڭىدىن بىر كىلوگرام ئېلىپ، 5.2 كىلوگرام سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىنى 500 گرام قالغۇچە
قۇيۇلدۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.1 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە،
ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.