UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئەنجۈر

ئەنجۈر

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، ئەنجۈرگە ئۇرۇقداش بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ، ھۆل ۋە يوپۇرماقلىرى سۇندۇرۇلسا، ئاق سۈت چىقىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىنراق، شەكلى يۇمىلاقراق، تۈۋى يۈرەكسىمان بولۇپ، ئادەتتە بەشكە يېرىلىدۇ؛ گۈللىرى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى شار شەكىللىك گۈل تېگىگە يوشۇرۇنۇپ، يوشۇرۇن باشلىق گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈل تېگى تەدرىجىي چوڭىيىپ تەتۈر تۇخۇم شەكلىدىكى گۆشلۈك يالغان مېۋىگە ئايلىنىدۇ. مېۋىسى خام چېغىدا يېشىل رەڭدە بولۇپ، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، قايناق سۇغا بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، رېماتىزىمنى ياخشىلاش، قان توختىتىش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 12 گرام ئەنجۈرنى 20 گرام قۇرۇق ئۈزۈم، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇرۇق يۆتەل ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر ۋە تۇخۇمەكگۈلىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ئەنجۈر يىلتىزىنى توخۇ تۇخۇمى بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پەي، سۆڭەك ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر قېقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 5.1 كىلوگرام ئەنجۈرنى ئىككى كىلوگرام سۇدا، 550 گرام نوقۇتنى ئىككى كىلوگرام سۇدا ئايرىم - ئايرىم سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈيى سوۋۇغاندىن كېيىن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈچ گرام قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ، ئايرىم سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە ھەسەل سېلىپ قىيام قىلىپ، بۇ قىيامنى نوقۇت - ئەنجۈر ئارىلاشمىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، يۈرەك ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، باھ ئاجىزلىق ۋە بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى