UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئىتئۈزۈمى

ئىتئۈزۈمى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، پېدىگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تۇخۇمسىمان، گىرۋىكى دولقۇنسىمان بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى يېنىدىن ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ؛ گۈلىنىڭ رەڭگى ئاق؛ شىرنىلىك مېۋىسى شارسىمان بولۇپ، پىشقاندا قارامتۇل سۆسۈن رەڭگە كىرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز - ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل ئىتئۈزۈمىدىن 35 گرام، ئۈچقاتتىن 21 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى ۋە مەزى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ھۆل ئىتئۈزۈمىنى 20 گرام ھۆل يۇمغاقسۈت، سەككىز گرام ماڭدار بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى ۋە مەزى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئىتئۈزۈمىدىن 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، زۇكامدىن قىزىرىش ۋە يۇتقۇنچاق - كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئىتئۈزۈمىدىن 70 گرام، ئاق شېكەردىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام ھۆل ئىتئۈزۈمىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سەينەك، چاقا، غەلۋىرەك ۋە يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ يارىلىنىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل ئىتئۈزۈمىنى ئېزىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش، سەينەك، چاقا ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئىتئۈزۈمىدىن 70 گرام، قۇرۇتۇلغان ئىتئۈزۈمىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى