UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىجىغان

جىغان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىغانغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، نوتىلىرىنى كۈمۈش رەڭلىك تەڭگە تۈكلەر قاپلىغان بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى قىسقا، شەكلى يىپسىمان تېمىنە شەكلىدىكى تولۇق گىرۋەكلىك يوپۇرماق؛ ئاتىلىقى، ئانىلىقى باشقا - باشقا تۈپلەردە بولىدۇ، گۈلى شۇ يىلى ئۆسكەن شاخلاردىن چىقىدۇ، گۈللىرى توپلىشىپ قىسقا ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كىچىك ئۈچكىلىك مېۋىسى يۇمىلاق، رەڭگى سېرىق، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى كۈزدە پىشقاندا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جىلغا، بىنا ۋە دەريا بويلىرىدا، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىقلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 25 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل جىغان مېۋىسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئەمەن سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىشتىھاسىزلىق ۋە ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. جىغان مېۋىسىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەر قېتىش، جىگەر قېتىشتىن بولغان ئىششىق ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل جىغان مېۋىسىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 30 گرام ھۆل جىغان مېۋىسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە 30 گرام ئالما سۈيى، مۇۋاپىق مىقداردا شېكە قوشۇپ قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىش، ئىسسىق ئۆتۈپ ئايلىنىپ قېلىش ۋە ئىشتىھاسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان جىغاننى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، ھەزىم ئاجىزلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
جىغان | UyghurWiki | UyghurWiki