UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسۇكات

سۇكات

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۇكاتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن تېنى تۈكسىز، سىلىق، ئېگىزلىكى 50 - 100 سانتىمېتىر؛ يىلتىزى سەۋزىگە ئوخشايدۇ، بەزىدە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇزۇنىغا كېسىلگەن يۈزىدە بۇغۇم بوشلۇقى بولۇپ، ئالاھىدە كۈچلۈك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. غولى تىك، ئىچى كاۋاك بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئۇزۇن، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى قىسقا بولىدۇ؛ مۇرەككەپ پۆپۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ رەڭگى ئاق، جۈپ ئاسماق مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە، قىرلىق قاناتلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. يازدا پۈتۈن چۆپىنى يۇلۇۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدۇ. تەمى قېرىقراق ئاچچىق، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، كۈچلۈك زەھەرلىك. قۇرت، قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ. قۇرت، قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. سۇكاتنىڭ چۆپىنى توغراپ پاشا، چىۋىن قونىدىغان جايلارغا چېچىپ قويسا، پاشا، چىۋىنلەرنى قاچۇرىدۇ. قۇرۇتۇلغان سۇكاتنى كۆيدۈرۈپ، ھويلا - ئاراملارغا ئىسرىق سالسا، پاشا قاچۇرىدۇ. سۇكاتنىڭ چۆپىنى يېمەكلىك قويغان ئورۇننىڭ ئەتراپىغا ئېسىپ قويسا، يېمەكلىككە چىۋىن قونۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سۇكات | UyghurWiki | UyghurWiki