قىرىقبوغۇم
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قىرىقبوغۇم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قىرىقبوغۇمغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شاخلانمايدۇ، بوغۇمى روشەن، غولىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، بوغۇمىدا تەڭگىسىمان يوپۇرماقلىرى ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ، غولىغا مەھكەم يېپىشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇچىدا قارامتۇل خورما رەڭلىك ئۇچلۇق سىپورا خالتا باشىقى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى چۆپلۈكى، ئورمانلىق ۋە دەريا بويلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ھارارەت پەسەيتىش، كۆزگە ئۆسكەن قىزىل گۆشنى ياندۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قىرىقبوغۇم، ئۈجمە يوپۇرمىقى، سەبدىگۈل، مامكاپلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قىرىقبوغۇمنى 10 گرام سەبدىگۈل، سەككىز گرام ساڭجۇ، 10 گرام قىزىل چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا ۋە شامالداپ ياشاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىرىق بوغۇمدىن سەككىز گرام، زەمچىدىن بەش گرام، كۆكتاشتىن تۆت گرام، مامرانچىندىن بەش گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ كۆزنى ھوردىتىپ يۇيۇپ بەرسە، تراخوماغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قىرىق بوغۇمنى سۇدا قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ ۋە قۇرۇق بويىچە سۈركەپ بەرسە، ياپىلاق سۆگەل ۋە مەڭلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.