ئوسۇڭ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق، خوخىغائۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۇزۇن، سوقىچاق، گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە، رەڭگى سېرىق، غولى ۋە يوپۇرمىقى ئادەتتە كۆكتات
ھېسابلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غولى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا پىشقاندا يىغىۋېلىپ، غولى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىنى ئايرىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىقىدۇ.
يوپۇرمىقى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، ئۇرۇقى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قاننى تازىلاش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، چوڭ - كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سپازما قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئوسۇڭنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ساراڭلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئۆتكۈر زىققە، كالتە يۆتەل، جىگەر ياللۇغى، مالىخولىيا،
ئىسسىقتىن بولغان قىزىتما ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوسۇڭنى سىركە بىلەن قوشۇپ ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.
ئوسۇڭنى تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەنگە ئوزۇق بولۇپ، سالامەتلىكنى ئاسرايدۇ.
20 گرام ئوسۇڭ ئۇرۇقىنى 35 گرام خېنىگۈل، 20 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بەل چىم
بولۇش ۋە بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوسۇڭ ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، سۇنغان جاينى ئورنىغا
چۈشۈرۈپ، ئۈستىگە چېپىپ تېڭىپ، تاختا بىلەن مۇقىملاشتۇرسا، سۇنۇققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئوسۇڭ ئۇرۇقىدىن 70 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرام تالقاننى قايناق سۇ
بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈت چۈشمەي كۆكرەك چىڭقىلىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوسۇڭنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، قۇرۇتۇپ، يالپاقلاپ توغراپ، ئازراق قورۇپ، تەڭ مىقداردىكى يالپۇز بىلەن قوشۇپ
يۇمشاق سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەلۋاغسىمان قوقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.