پاشىئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پاشىئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ؛ غولى تىك، سىلىق، تۈكسىز بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان يوپۇرماق
بولۇپ، چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى يۇمىلاق تۇخۇم شەكلىدە، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ، كەينى تەرىپى ئاقۇش، ئۈستى يۈزى
يېشىل بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ، گۈلىنىڭ رەڭگى ئاق، گۈل تاجى ياپرىقى تۆت تال بولىدۇ. مېۋىسى 5 ~ 8 تال بولۇپ، شار
شەكلىدە توپلىشىپ ئۆسىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كۈزدە قېزىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئوتلاق ۋە ئورمان چەتلىرىدە
ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قورۇش ۋە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام پاشىئوتنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى پاشىئوت يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىش ۋە
كۆيۈكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
پاشىئوت يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.