UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكېۋەز ئانىسى

كېۋەز ئانىسى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كېۋەز ئانىسىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا، تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغانلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ، غولى تىك، يۇقىرى قىسمىدىن شاخلىنىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈكنى ئاق تۈكچە قاپلاپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق شەكلى دۈگىلەك يۈرەك شەكىللىك، ئۇچى ئۇچلۇق، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان؛ گۈلى سېرىق رەڭدە بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدىن بىردىن ئۈچكىچە ئۆسۈپ چىقىدۇ. غوزا مېۋىسى يېرىم شار شەكلىدە، پىشقاندىن كېيىن ئاپېلسىن مېۋىسىدەك چىشلارغا بۆلۈنىدۇ، ئۇچى تەرىپىدە سىرتقا قارىغان تىكەنلىرى بار، ئۇرۇقى يۈرەك شەكلىدە، رەڭگى قارا. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى پىشغاندا يىغىۋېلىپ، خەشەكلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ ياكى قورۇپ؛ يىلتىزىنى كەچ كۈزدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ، نېپىز كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىزلىق، يول بويلىرى ۋە ھويلا - ئاراملاردا ئۆسىدۇ، تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆل سوغۇق. ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈت كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقىدىن 20 گرام، ماڭداردىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام قورۇلغان كېۋەز ئانىسى ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت كەلمەسلىك ۋە كۆكرەك چىڭقىلىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كېۋەز ئانىسى يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سىرتقى زەخىملەرنىڭ ياللۇغىنى قايتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كېۋەز ئانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki