UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىجاغجاقئوت

جاغجاقئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، جاغجاقئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر، پۈتۈن تېنىدە قويۇق يىپەكسىمان ئاق تۈكلەر بولىدۇ؛ يىلتىزى كونۇس شەكلىدە، پوستى ئاچ خورما رەڭدە، غولى يەككە، تىك ئۆسىدۇ، غول تۈۋىدە يوپۇرماق سېپىنىڭ قالدۇق ئىزلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى بولىدۇ، غولىدىكى يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، كىچىك، سېپى يوق، پەيسىمان تېيىز ياكى چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرىنىڭ گىرۋەكلىرى چىشلىق كېلىدۇ، چىشلىرى ۋە يېرىقلىرىدا تىكەنلىرى بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، بارلىق پەيسىمان گۈللىرى توپلىشىپ، يۇمىلاق شار شەكلىنى ئالىدۇ، رەڭگى كۆكۈچ ھاۋا رەڭ، ئورۇق مېۋىسىدە ئۇزۇن تۈكلەر بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ، لاي تۇپراق قالدۇقلىرىنى تازىلاپ، نەمدەپ توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس، قۇرۇق تاغ باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، يېڭى گۆش ئۆستۈرۈش، بۇزۇق ماددىلارنى ھەيدەش، سۈت كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. جاغجاقئوتتىن ئالتە گرام، ئوسما يىلتىزىدىن تۆت گرام، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن ئىككى گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 5.2 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام جاغجاقئوتنى 15 گرام ئۈچقات، ئالتە گرام بەيجژ، يەتتە گرام چاكاندا، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. جاغجاقئوتتىن 12 گرام، مامكاپتىن 10 گرام، رەۋەندىن سەككىز گرام، چۈچۈكبۇيىدىن ئالتە گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىقان ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. جاغجاق، ئاچچىقتاۋۇز، قارىمۇق، مامكاپلارنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت سوغۇلۇپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
جاغجاقئوت | UyghurWiki | UyghurWiki