غۇنچىئۈزۈم
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق، ئۈزۈمگە ئۇرۇقداش پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلىكى بىر مېتىردىن ئۈچ مېتىرغىچە كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈل رېتى كونۇس شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سۇس يېشىل. مېۋىسى كىچىك شىرنىلىك مېۋە بولۇپ، جىگەررەڭ كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا كېسىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان، پىچان، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
بەدەننى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزۈش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
غۇنچىئۈزۈمدىن 20 گرام، قومۇش يىلتىزىدىن 12 گرام، يۇمغاقسۈت يىلتىزىدىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىل
سىرتقا تەپمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
غۇنچىئۈزۈمدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى غۇنچىئۈزۈمنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلار قىزىتمىسى، سىزلام ۋە ھامىلە مىدىرلاپ بىئارام قىلىشقا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
غۇنچىئۈزۈمدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، زەھەرنى تارقىتىدۇ.