سېمىز ئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ سېمىز ئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، سېمىز ئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن تېنى گۆشلۈك، ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن قۇرۇتماق بەكمۇ تەس؛ غولى يۇمىلاق، يانتۇ ياتقان، شاخلىق، ئۈستى تەرىپى قارامتۇل قىزىل، ئارقا تەرىپى سۇس يېشىل؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ياكى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، گۆشلۈك، سېمىز كېلىدۇ، ئۇچى سەل ئويمان، تولۇق گىرۋەكلىك بولۇپ، شەكلى ئاتنىڭ چىشىغا ئوخشايدۇ؛ گۈلى سېرىق، مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى كۇنۇسقا ئوخشايدۇ، قاپقاق ئېچىلغاندەك يېرىلىدۇ؛ ئۇرۇقى كۆپ، ئۇششاق، قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، قايناق سۇغا سەل بېسىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىزلىق، يول بويلىرى ۋە كۆكتاتلىقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى چايناپ بەرسە، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى سوقۇپ گۈل يېغى بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، نەرسە تەگكەن، ئوتتا
كۆيگەن ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى شاراب بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى بەدەندىكى مۇدۇرلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى ئارپا ئۇنى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، كۆز، مېڭە، ئۇرۇقداننىڭ ئىششىقى،
يەلتاشما، قىچىشقاقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېمىز ئوت ئۇرۇقىنى خېنە بىلەن قول - پۇتلارغا چېپىپ بەرسە، قول - پۇت قىزىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېمىز ئوتنىڭ يوپۇرماق، يىلتىزلىرىنى سوقۇپ سۆگەلگە چېپىپ بەرسە، سۆگەلنى چۈشۈرىدۇ.
ھۆل سېمىز ئوتتىن 100 گرام ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ھۆل سېمىز ئوتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، تۇز سېلىپ سامساق ئارىلاشتۇرۇپ، قورۇما ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام ھۆل سېمىز ئوتنى ئىككى باش سامساق بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل سېمىز ئوتتىن 70 گرام ئېلىپ 400 مىللىلىتىر سۇدا 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، ھەمەل قىلىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك
تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
100 گرام ھۆل سېمىز ئوتنى 30 گرام چۇلۇك يىلتىز پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ بىرىنچى قايناتمىسىنى ئىچىپ، ئىككىنچى
قايناتمىسىدا يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئاق خۇن قان ئارىلاش كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېمىز ئوت ۋە مامكاپتىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىيقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېمىز ئوتنى كۆيدۈرۈپ، كۆمۈر قىلىپ، سوقۇپ، زىغىر يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، گەدەن تۈك خالتا ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.