UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقانتېپەر

قانتېپەر

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قانتېپەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، سېسىق پۇرايدۇ؛ يىلتىزى توم، شەكلى موكىغا ئوخشايدۇ، يۇقىرى ئۇچىدا ھالقىلىق سىزىقلىرى بولىدۇ. كېسىلگەن يۈزى ئاق بولىدۇ. ئوق غولى كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن ياكى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى قىسقا، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى كەڭ تېمىنەسىمان بولۇپ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ؛ گۈلى شېخىنىڭ ئۇچىدىن ياكى يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، شەكلى قوڭغۇراقسىمان، رەڭگى ئاقۇش كۆك كېلىدۇ. غوزەك مېۋىسى ئۈچكە يېرىلىدۇ، مېۋىسى پىشقاندا گۈل كاسسىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ جىلغىلىرى ۋە تاغ باغرىدىكى ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، خىلىت ھاسىل قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 30 گرام قانتېپەرنى 12 گرام بايناق، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تال، ئاشقازان ئاجىزلىقى ۋە ئىشتىھاسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام قانتېپەرنى 35 گرام ئىشلەنگەن كەتىرا، 12 گرام ئاق چۇغلۇق، 20 گرام ئالقات، 12 گرام ئېشەك يېلىمى، تۆت گرام ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا، بەش تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام قانتېپەرنى تۆت گرام كۆمۈرلەنگەن بايناق، بەش گرام چۈچۈكبۇيا، سەككىز گرام كۆمۈرلەنگەن دولانا، 10 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئىشتىھا تۇتۇلۇشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى