قومۇش
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، ئايغىر قىياققا ئۇرۇقداش
ئېگىز، تىك ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ؛ بۇغۇملۇق بولۇپ، بوغۇملىرىدا بىخلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تار، تېمىنە شەكىللىك، ئۇچى ئۇچلۇق، يوپۇرماق غىلاپى غولنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ كونۇسسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسكەن
بولۇپ، سۈپۈرگىگە ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى 6 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا قېزىۋېلىپ، چاچما يىلتىزى
ۋە بىخلىرىنى ئېلىۋېتىپ، لاي، توپىلىرىنى تازىلاپ، قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سازلىق، ئېرىق بويلىرى
ۋە كۆللەردە ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
ساپ خىلىت ھاسىل قىلىش، سۈيدۈك، ھەيدەش، قىزىتما قايتۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش،
قۇسۇشنى توختىتىش، تېرىنى جۇلالاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قومۇش يىلتىزىدىن 35 گرام، تەسۋىقوناقتىن 20 گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 12 گرام، سوقۇپ يۇمشىتىلغان تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 53 گرام
ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە كانايچە كېڭىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام قومۇش يىلتىزىنى 50 گرام تەسۋىقوناق، 35 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقى، 50 گرام تەكىيە كاۋا ئۇرۇقى، 70 گرام پىچەكگۈل بىلەن بىللە سۇدا
قاينىتىپ ئۇدا بىر ھەپتە ئىچىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى زور دەرىجىدە ئازايغاندىن كېيىن، قومۇش يىلتىزىدىن 35 گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن سەككىز
گرام، چۇقىدىن 10 گرام، پىچەكگۈلدىن 35 گرام، تەسۋىقوناقتىن 50 گرام، تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن 35 گرام، سەبدىگۈلدىن 15 گرام، ياۋا سۇ يالپۇزىدىن
20 گرام، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 100 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە كانايچە كېڭىيىشكە ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.
بوغۇمى ئېلىۋېتىلگەن قومۇش يىلتىزى 20 گرام، شىزى ساپىقىدىن سەككىز گرام، خام زەنجىۋىلدىن ئۈچ پارچە ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ،
سوۋۇتۇپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا خاراكتېرلىك قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قومۇش يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقلىق كېسەللىكلىرىدىكى ئۇسساش، قىزىل، سېرىقلىق
چۈشۈش، ئاشقازان ئىسسىقلىقىدىن بولغان قۇسۇش، سۈيدۈك ئاز ۋە قىزىل كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام قومۇش يىلتىزىنى يەتتە تال يۇمغاقسۈت يىلتىزى، سەككىز گرام جامكا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىل سىرتىغا
تەپمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.