UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسۆگەت

سۆگەت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، سۆگەتكە ئۇرۇقداش دەرەخ ياكى چاتقال بولۇپ، يوپۇرمىقى تار ھەم ئۇزۇن، گۈل رېتى پوتلىسىمان كېلىدۇ، تۈرى كۆپ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ بىخى، يوپۇرمىقى، يۇمران شېخى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ بىخىنى ئەتىيازدا ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يوپۇرمىقىنى ئەتىياز، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يۇمران شېخىنى ئەتىياز ۋە يازدا كېسىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ؛ يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا كولىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. ھارارەت پەسەيتىش، مېڭە ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سۆگەت بىخىدىن 12 گرام ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام سۆگەت بىخىنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۆگەت يىلتىزىدىن 35 ~ 70 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۈتۈ قۇرتنى چۈشۈرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى سۆگەتنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنى سۇدا ئېزىلگىچە پىشۇرۇپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇس ئوتتا مەلھەم قىلىپ، لاتىغا ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، لىمفا سىلى ۋە پوقاق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۆگەت بىخىدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام سۆگەت شېخىنى 60 گرام ئۈجمە شېخى، 35 گرام ئەمەن يوپۇرمىقى، 40 گرام سامساق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ يۇيۇپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۆگەت يىلتىزىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۇنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، باش سېرىق تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى