ئاق تۇرۇپ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس سۆسۈن رەڭدە، ئاق يىلتىزى يوغان بولۇپ، سىلىندىر شار شەكلىدە كېلىدۇ؛ پوستىنىڭ رەڭگى سورتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئاق تۇرۇپ ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىنىپ خام ياكى قورۇپ؛ يىلتىزىنى ئۇرۇقلىتىلغان ئاق تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن كولىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يالپاق توغراپ؛ يوپۇرمىقىنى تۇرۇپنى يىغىدىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئۇششاق توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەمنى يۇمشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈكنى ھەيدەش،
ئىششىق ياندۇرۇش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقى 6 ~ 12 گرام، ئۇرۇقلانغان ئاق تۇرۇپ 8 ~ 20 گرام، ئاق تۇرۇپ يوپۇرمىقى 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقى ۋە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قورۇپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا
5.0 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئاق تۇرۇپ يوپۇرمىقىنى 12 گرام قوڭغۇراقگۈل، 10 گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقى ۋە
ئاۋازى پۈتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قورۇلغان ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقىنى 12 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى، 15 گرام قوماچ قىلىنغان ھەزىم ئېچىتقۇسى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قورۇلغان ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقىنى 10 گرام دولانا، 12 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى، 51 گرام قوماچ قىلىنغان ھەزىم ئېچىتقۇسى بىلەن بىللە
سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق كۆپۈش ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقىنى 20 گرام رەۋەن، ئاز مىقداردىكى شور بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ئۈچەي توسۇلۇشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ (ھامىلىدارلارنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ).
15 گرام ئۇرۇقلانغان ئاق تۇرۇپنى 20 گرام تاۋۇز شاپىقى، 12 گرام قورۇلغان ئاق چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
ئىششىش، يۈزى سارغىيىش، قورساق كۆپۈش ۋە سۈيدۈك ئازىيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل تۇرۇپ يوپۇرمىقىدىن 70 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق تۇرۇپنى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئىچكۈزۈلسە، كۆمۈر ئىسى بىلەن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.