UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسەرخىس

سەرخىس

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سەرخىس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سەرخىسكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى يانتۇ ئۆسكەن، قاتتىق، كەسمە يۈزى سۇس يېشىل، سىرتىنى تەكشى تىزىلغان يوپۇرماق ساپاق قالدۇقلىرى ۋە خورما رەڭلىك پەردىسىمان تەڭگىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، كۆپلىگەن چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈستىدە قوڭۇر پەردىلەشكەن تەڭگىچىلەر بولىدۇ، يوپۇرمىقى ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان تولۇق ۋە چوڭقۇر يېرىلغان بولۇپ، كىچىك ياپراقچىلىرىدا ئۇششاق ھەرە چىشلىرى بار، سىپورا خالتا توپلىرى ئايرىم ھالدا كەينى تەرەپ ئوق تومۇرىنىڭ ئىككى يېنىغا تىزىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپىنى ياز پەسلىدە، يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈن چۈشمەيدىغان نەم تاغ باغرى، دەريا ۋادىسى ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. مەددە ئۆلتۈرۈش، ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سەرخىستىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكام، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى سەرخىسنى لاتىغا يۆگەپ ئىدىش ياكى كومزەككە چىلاپ قويۇپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تارقىلىشچان زۇكام ۋە قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەرخىستىن 35 گرام، يالپۇزدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سەرخىسنى 12 گرام ئوسما يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەرخىستىن 35 گرام، ئۈچقاتتىن 30 گرام، يۇنمۇدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئالتىگە بۆلۈپ، ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان مېڭە - يۇلۇن پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆمۈرلەنگەن سەرخىسنى يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام سەرخىسنى 15 گرام ئەينۇلا، 35 گرام كاۋا ئۇرۇقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ كەچتە ئىچىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا 20 گرام تازىلانغان شور ئىچىپ بەرسە، سازاڭسىمان مەددە، ئىلمەك مەددە ۋە يىلانسىمان مەددە قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى