UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسېرىقچاي

سېرىقچاي

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سېرىقچاي ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سېرىقچايغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى يۇقىرىقى قىسمىدىن شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى سوقىچاق تېمىنە شەكىلدە ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، يوپۇرمىقىدا سۈزۈك بەز نۇقتىلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق بولۇپ، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، گۈل تاجى ياپراقچىلىرى بەش تال، گۈل كاسسا ياپرىقى بەش تال بولۇپ، ئاتىلىقى چەكسىز بولىدۇ. مېۋىسى غوزا شەكىللىك، ئۇرۇقى كۆپ، قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە كېلىدۇ، كۆپلىگەن سۆگەلسىمان ئۆسۈكچىلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئۇششاق توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلدۇ. سېرىقچايدىن 20 ~ 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ۋە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 ~ 20 گرام سېرىقچاينى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىق ۋە دوۋسۇن بېشى ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سېرىقچاينىڭ يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش ۋە چىيقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى