ئەرمۇدۇن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەرمۇدۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق، ئەرمۇدۇنغا ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، 4 ~ 9 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ؛ دەرەخنىڭ قوۋزىقى كۈلرەڭ قارامتۇل بولۇپ، ئاق داغلىرى بار. يۇمران شېخى سىلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، بەشتىن يەتتىگىچە كىچىك يوپۇرمىقى بولىدۇ، شەكلى تۇخۇمسىمان، ئۇچىدىكى بىر يوپۇرمىقى چوڭراق بولىدۇ؛ يالغۇز قاناتلىق مېۋىسى بولۇپ، شەكلى پالاققا ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقىنى ئەتىياز ۋە كۈزدە دەرەخ شاخلىرىنى چاتىغاندا ياكى كەسكەنە سويۇۋېلىپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى، پىشقان مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئايرىۋېلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەر - يېزا يول بويلىرى، ئىھاتە ئورمانلىقى ۋە باغلاردا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ئىسسىقنى قايتۇرۇش، يارىلارنى قورۇش، تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرمۇدۇن ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بىقىن ئاغرىقى، نېرۋا ئاجىزلىق، نەپەس سىقىلىش، بەل ئاغرىقى، بالىياتقۇ ئاغرىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي يۈرۈپ كېتىش ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەرمۇدۇن ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 گرامدىن كاپ ئېتىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، نەپەس سىقىلىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەرمۇدۇن ئۇرۇقىدىن توققۇز گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.4 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەرمۇدۇن قوۋزىقىدىن 15 گرام، خام توشقانئوتىدىن 12 گرام، چۇلۇك يىلتىز پوستىدىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئەرمۇدۇن قوۋزىقىنى سەككىز گرام رۋەن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە (ھامىلىدار ئاياللار ئىچىشكە بولمايدۇ)، يىڭناسقۇنى يوقىتىدۇ.
ئەرمۇدۇن ئۇرۇقىدىن 15 ~ 20 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.