بالەنگۇ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يالپۇزغا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، شاخلىرى پارقىراپ، رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، چېچىكى ئاقۇچ كۆككە مايىل، ئۇرۇقى رەيھاننىڭكىدىن چوڭراق، خۇشبۇي.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، يەڭگىل دەرىجىدە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 5 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە
بولغانلارغا 5.1 ~ 5.2 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 5.2 ~ 4 گرام، 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا 4 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بالەنگۇ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، يۈرەك، مېڭە كېسەللىرى، ئۈچەي كېسەللىرى، ئۈچەي جاراھەتلىرى، ئۈچەيدىن قان
كېلىش، ھەرخىل تەپ، بەزگەك، خاپىغان قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بالەنگۇنى گۇلاب بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقى ۋە تولغاققا پايدا قىلىدۇ.
بالەنگۇنى ناۋات، رىباس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بالەنگۈنى دەملەپ ئىچىپ برسە، پۇت ئىششىش، زەھەرلىنىش، يۆتەل، نەپەس سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.