قۇشقاچتىل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قۇشقاچتىلغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى ياتما ياكى يېرىم ياتما، تۈۋىدىن كۆپ شاخلايدۇ، بوغۇمى ئېنىق، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تېمىنە ياكى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك، گۈلى كىچىك، ھال رەڭ، مېۋىسى ئورۇق ئۈچ قىرلىق، رەڭگى قارا.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورۇۋېلىپ، ئازراق شامالدىتىپ، توغراپ ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ھۆل ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل قۇشقاچتىلدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام قۇشقاچتىلنى 16 گرام پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، سەككىز گرام ماڭدار بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساق ياللۇغى ۋە
سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇشقاچتىل، ئاچچىقسۇنىڭ ھەر بىرىدىن 70 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت يولىدىكى سازاڭسىمان مەددە كېسىلىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام قۇشقاچتىلنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۈتۈ قۇرت كېسىلى ۋە ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇشقاچتىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، چات ھۆل تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇشقاچتىلدىن 70 گرام، ئارچىدىن 30 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام، چىلاندىن بەش تال ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، ئۈستىگە بىر يېرىم
كىلوگرام سۇ قۇيۇپ، 500 گرام قالغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 165 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر، سوزۇلما خاراكتېرلىك
بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك جام ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.