UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىمامكاپ

مامكاپ

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، مامكاپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۈزۈلگەن جايدىن ئاق سۈت چىقىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تەتۈر تېمىنەسىمان، گىرۋىكىدە رەتسىز، تەتۈر پەيسىمان يېرىقچىلار بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى يەككە ھالدا ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، مېۋىسى ئورۇق، شەكلى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق، رەڭگى قوڭۇر، مېۋىسىدە ئاق رەڭلىك تاج تۈكلىرى بولۇپ، كىچىك كۈنلۈككە ئوخشايدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى مېۋە بېرىشتىن ئىلگىرى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىزلىق، يول بويلىرى، ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرى ۋە دالىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مامكاپتىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ، تىرىپلىرىنى يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل مامكاپتىن 70 گرام ئېلىپ، چالا ئېزىپ، سۇدا قاينىتپ، سۈيىنى ئىچىپ، تىرىپلىرىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام مامكاپنى قاينىتىپ تۇنجى قايناتمىسىنى ئىچىپ، ئىككىنچى قايناتمىسىدا يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مامكاپتىن 20 گرام، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن 12 گرام، يەر توزغىقىدىن بەش گرام، چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام مامكاپنى 20 گرام گۈلسامساق، 81 گرام ئوسما يىلتىزى، بىر تال نەشپۈت بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مامكاپتىن 35 گرام، ئۈچقاتتىن 12 گرام، بىنەپشە 10 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چىقان ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
مامكاپ | UyghurWiki | UyghurWiki