UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقەيسۇم

قەيسۇم

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قۇستىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 14 ~ 100 سانتىمېتىرغىچە ئۆسىدىغان بىرخىل ئىنچىكە ئۆسۈملۈك بولۇپ، چىشى، ئەركەك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئەركىكىنىڭ شاخلىرى ئىنچىكە، مېۋىسى كىچىك، شەكلى ئەمەنگە ئوخشايدۇ. گۈلى كەمرەك، چىشىسىنىڭ گۈلىدىن كىچىكرەك، گۈلىنىڭ رەڭگى ئاققا مايىل. چىشىسى دەرەكلىدىكى شەكلىدە بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاق تەرەپكە مايىل، شاخلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىرى يېرىلاڭغۇ، ئىنچىكە، سۇزاپنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشايدۇ، تېنىدە چاپلىشاڭغۇ ھۆللۈك بار. شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا يۇمىلاق گۈلى بولۇپ، رەڭگى ئالتۇننىڭ رەڭگىدەك سېرىق، خۇشبۇي، پۇرىقى ئۆتكۈر، تەمى ئاچچىق، مېۋىسى ھەببۇلئاسقا ئوخشايدۇ، تومۇزدا چېچەكلەيدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. يەل تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تەپنى پەسەيتىش، كۆكرەك ئاغرىقىنى پەسەيتىش، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى ھەرخىل قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاش، پەي تارتىشىشنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 5 ~ 7 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قەيسۇمنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، كۆكرەك ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قەيسۇمنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ ئېزىپ پىشۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېىپىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە مېڭىدىكى سوغۇقلۇقنى يوقىتىدۇ. قەيسۇمدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىششىق ياندۇرۇپ، جاراھەت پۈتتۈرىدۇ. قەيسۇمنى كۆيدۈرۈپ، يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، قان توختىتىدۇ. قەيسۇمنى كۆيدۈرۈپ بۇي سېلىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
قەيسۇم | UyghurWiki | UyghurWiki