UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاچچىق چېچەك

ئاچچىق چېچەك

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئاچچىق چېچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى كۆپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يىلتىزى توم، قارامتۇل، چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى پەردىلەشكەن، سېپى ئۇزۇن، ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق؛ گۈلى ئۇچىدا ئۆسكەن، ئالتۇن سېرىق رەڭلىك، سەبدىگۈل شەكلىدە بولىدۇ، غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بار. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى گۈللىرى تولۇق ئېچىلغان چاغدا كولىۋېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، يەر ئۈستى قىسمىنى توغراپ، يىلتىزىنى نېپىز كېسىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئورمان بەلۋىغىنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئوتلاق، تاغنىڭ تەسكەي يان باغرىلىرىدىكى نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش، سۈيدۈكنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 8.0 ~ 1 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئاچچىق چېچەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئانار شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۈرەك سوقۇش تېزلەش ۋە قان تولۇشىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك زەئىپلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىق چېچەكنى دەملەپ، رەيھان شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، يۈرەك خىزمىتىنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاچچىق چېچەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئانارنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاچچىق چېچەك | UyghurWiki | UyghurWiki