كەرەپشە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، كەرەپشىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۇخۇم شەكلىدە، يوپۇرماق سېپى توم ۋە چوڭ بولۇپ، رەڭگى ئاق سېرىق ۋە يېشىل كېلىدۇ؛ گۈلى ئاق، مېۋىسى ياپىلاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 3 ~ 6 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 7 ~ 10 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام ياكى 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كەرەپشە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش، بېقىن ئاغرىقى، ئىچكى ئەزانىڭ سوغۇقلۇقى، قۇسۇش، ئۈچەينىڭ ئېچىشىشى، قورساق ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق ۋە بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى قاينىتىپ، ئانار سۈيى ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر ئىچىشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىشلەرنى قايتۇرىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يوپۇرماق ۋە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.
كەرەپشىنى ئەدەس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر تەسىرىنى يوقىتىدۇ.
كەرەپشىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل تېرە كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى گۈڭگۈرت پوقى، قارا توغرىغۇ، نۆشۈدۈر بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۆگەلنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا قالغان داغنى چۈشۈرىدۇ.