تاشئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، تاشئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئوق يىلتىزى توم ۋە چوڭ، شەكلى تۈۋرۈكسىمان، تاشقى پوستى سېرىق، كېسىلگەن يۈزى ئاق
سېرىق، يىلتىزىنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىدا كۆپلىگەن غول قالدۇقىنىڭ ئىزلىرى بولىدۇ. غولى تىك ئۆسىدۇ، غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ئىككى
ئاچىماقلىنىپ شاخلايدۇ، بوغۇملىرى ئېنىق، بوغۇم قىسمى چوڭراق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ساپىقى بولمايدۇ، تۆۋەن تەرەپتە ئۆسكەن
يوپۇرماقلىرى چوڭراق، شەكلى تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق يۈزى يېشىل، ئارقا يۈزى سۇس يېشىل رەڭدە بولىدۇ؛ گۈل رېتى
چەكلىك كۈنلۈكسىمان، گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىكى ئوتلاق ۋە كۈنگەي تاغ باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىسسىقنى تارقىتىش، قاننى سوۋۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەككىز گرام تاشئوتنى 12 گرام چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، 10 گرام ئالقات يىلتىز پوستى، كۆك ئەمەن 12 گرام، 10 گرام قىزىل مېۋىلىك
شاقاقۇل، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھۆل ئىسسىقتىن بولغان ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى تاشئوتنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
تاشئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى تاشئوتنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتما تۆۋەنلىتىپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.