قارىكۆز بەدىيان
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، سېرىقچېچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، ئۇچى كۆپ شاخلىق بولۇپ، خۇددى ئارپىبەدىيانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. گۈل رېتى كۈنلۈكسىمان بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىغا جايلاشقان. ئۇرۇقى ئارپىبەدىياندىن كىچىكرەك، بىرئاز ياپىلاق، ئۇزۇنچاق كېلىدۇ، پۇرىقى ئۆتكۈر.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، زەھەر تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشلارنى پارچىلاپ چىقىرىش، ئاشقازان ۋە تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
قارىكۆز بەدىياندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، زەيتۇن يېغى ياكى كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، بوغۇم ئاغرىقى ۋە بوغۇم ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قارىكۆز بەدىياننى سۇدا قاينىتىپ، ۋاننا قىلىپ بەرسە، بالىياتقۇ ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىكۆز بەدىياندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە لۆڭگىنى چىلاپ يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، قورساق ئېسىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىكۆز بەدىياندىن ياغ چىقىرىپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.