كۆك ئامۇت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى، ئالۇچىغا ئۇرۇقداش يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخنىڭ بىر خىل
سورتى بولۇپ، غولى ئېگىز ۋە ئەگرىرەك ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى سوزۇنچاق، مېۋىسىنىڭ ساپاق تەرىپى ۋە تۇمشۇق تەرىپى سوزۇنچاق، ئوتتۇرىسى
قورساقلىق كېلىدۇ. پوستى قېلىن، ئەسلى رەڭگى سارغۇچ يېشىل ياكى ئاچ يېشىل بولىدۇ، ساقلىغاندىن كېيىن سارغىيىدۇ، گۆشى يۇمشاق،
سۇلۇق، تەمى چۈچۈمەلرەك، شىرنىلىك كېلىدۇ. توققۇزىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پىشىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قورساقنى ئاچۇرۇش، قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى
پەسەيتىش، كېرەكسىز گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەپنى ۋە ئىچ سۈرۈشنى
توختىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆك ئامۇتنى ھۆل ياكى قۇرۇق ئىستېمال قىلسا، سېسىق گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇپ، ئىچىنى قاتۇرۇپ، قاننى توختىتىدۇ.
كۆك ئامۇتنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، جاراھەت پۈتتۈرىدۇ.
كۆك ئامۇتنى يالپاقلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، كۆيۈك يارىلىرىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كۆك ئامۇتنىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچنى قاتۇرىدۇ.