UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكىچىك خوخا

كىچىك خوخا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، خوخا تىكەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنى ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاش تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ چوڭقۇر ئۇزۇن يىلتىزسىمان غولى بولىدۇ، غولى تىك، يۇقىرى قىسمىدىن شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سوقىچاق ياكى تېمىنە شەكىللىك، ئارقا تەرىپى ئاقۇش كۈل رەڭ، گىرۋىكى تېيىز يېرىلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى باراۋەر بولمىغان تىكەنلىرى بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى قوڭغۇراق شەكلىدە، گۈلى ئىككى جىنسلىق بولۇپ، ھەممىسى نەيچىسىمان، رەڭگى سۇس قىزغۇش سۆسۈن، مېۋىسى ئورۇق مېۋە، شەكلى سوقىچاق، ئۇچىدا ئاق رەڭلىك پەيسىمان تۈكچىلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى گۈلى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئورۇۋېلىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى كەسلەپ قورۇپ كۆمۈر قىلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز - ئېرىق، ئۆستەڭ ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. قاننى سوۋۇتۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى ماڭغۇزۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ قۇرۇقى 4 ~ 12 گرام، ھۆلى 200 ~ 004 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 20 گرام كىچىك خوخىنى تەڭ مىقداردىكى خام ئەگرىسۇنا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش ۋە قان سىيىشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل كىچىك خوخا تىكىنىدىن 250 ~ 500 گرام ئېلىپ ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل كىچىك خوخىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇيۇپ تازىلاپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تاشقى يارىلىنىشتىن كېلىپ چىققان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كىچىك خوخىنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام كىچىك خوخىنى 70 گرام ئۇچقات بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ئىششىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى