چاچراتقۇ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كونا كىرەشكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 80 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، ئۇزۇن، تاشقى پوستى جىگەر رەڭ، پۇراقلىق، غولى تىك ئۆسكەن، ئوتتۇرىسى كاۋاك؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان، پەيسىمان يېرىلغان، ھەربىر يېرىقچىلىرى سوقىچاق ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىلدە، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان، يوپۇرماق ساپىقىنىڭ تۈۋى كېڭەيگەن بولۇپ، يوپۇرماق غىلاپى ھاسىل قىلىپ، ئۇششاق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان، ئۇچىدا ئۆسكەن، ئومۇمىي گۈل سېپىنى ئۇششاق تۈكچىلەر زىچ قاپلايدۇ، گۈلى كىچىك، ئاق، قوش ئاسما مېۋىسى ئۇزۇن ياپىلاق دۈگىلەك شەكىلدە بولۇپ، كەڭرەك قاناتلىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ پاكىز يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەمدەپ نېپىز كېسىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى ۋە ئورمان ئارىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
سوغۇقنى تارقىتىش، يەل ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام چاچراتقۇنى 20 گرام ئۈجمە شېخى، 12 گرام قارىغاي پۇتىقى، سەككىز گرام ئۇچقات پېلىكى، 10 تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام چاچراتقۇنى 20 گرام بۇزۇن، 15 گرام قاقىرا تۇمشۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەل ئاغرىقى ۋە بەل گۆشى زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چاچراتقۇ دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇق شامالدىن بولغان زۇكام ۋە باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.