UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكۆكنار

كۆكنار

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئەپيۈنگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنى ئاق پاراشوكلۇق، يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق شەكىلدە. گۈلى قىزىل، ھال ياكى ئاق رەڭلىك بولىدۇ؛ مېۋىسى شار شەكلىدە بولۇپ،تېخى پىشمىغان ۋاقتىدا پوستى تىلىپ قويۇلسا ئەپيۈن ئىشلەشكە بولىدىغان بىرخىل شىرنە ئېقىپ چىقىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پوستى، ئۇرۇقى، يىلتىزى ۋە تىلغاندىن كېيىن سىرغىپ چىققان شىرنىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا پوستى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق. مەست قىلىش، ئۇخلىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆكرەكنى يۇمشىتىش، مەنىينى كۆپەيتىش ۋە تۇتۇش، قان توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ئۇرۇقىدىن 1 ~ 15 گرام، پوستىدىن 1 ~ 4 گرام، بەش ياشتىن 10 ياشقىچە بولغانلارغا ئۇرۇقىدىن 2 ~ 3 گرام، پوستىدىن 5 ~ 8 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا ئۇرۇقىدىن 4 ~ 5.4 گرام، پوستىدىن 9 ~ 12 گرام، 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا ئۇرۇقىدىن 5 ~ 6 گرام، پوستىدىن 13 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆكنار شىرىسىنى ئېزىپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سىرتتىن ياغلاپ بەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، مالىخولىيا، باش، كۆز، قۇلاق ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆكنار شىرىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، زىغىر يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئەزانى ياغلاپ بەرسە، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش ۋە سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆكنار شىرىسىنى خۇش پۇراق چايلار بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قاتتىق ئاغرىق، ئۇيقۇسىزلىق، سەرسام، مالىخولىيا، ئىچ سۈرۈش، تولغاق، دائىملىق نەزلىلىك زۇكام، يۆتەل، زىققە، باش، كۆز، قۇلاق ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان كونا قىزىتما ۋە دەۋرلىك قىزىتما، خىلىتلار بۇزۇلۇش، چىش چۈشۈش، سۈيدۈك كۆپ ۋە ئېچىشىپ كېلىش، مەنىي كۆپ كېلىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش ۋە قۇلۇنجى ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆكنارنىڭ شاكىلىنى يۇمشاق سوقۇپ، سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ پېشانىغا قويسا، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. كۆكنارنى شۇمشا ۋە گۇلاب بىلەن قاينىتىپ كۆزگە چاپسا، كۆزنىڭ يىرىڭلىق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆكنارنىڭ غوزىسىنى چالا سوقۇپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۆكنارنى قورۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۆكنارنى قورۇپ پۇرىقىنى پۇرىسا، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. كۆكنار يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، جىگەر ۋە ئاشقازاندىكى قويۇق خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ. يېڭى ئۈنگەن ئىنچىكە كۆكنارنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ياغ، پىياز بىلەن قورۇپ ئىستېمال قىلسا، كىشىنى خۇرسەن قىلىپ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كۆكنار | UyghurWiki | UyghurWiki