سېرىق يۆگەي
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ يۆگىمەچ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، سېرىق يۆگەيگە ئۇرۇقداش، يۆگىشىپ ئۆسىدىغان تەييارتاپ ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەخمىنەن بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆسىدۇ؛ غولى ئىنچىكە، ئاجىز بولۇپ، يىپقا ئوخشايدۇ. رەڭگى بېغىر رەڭ سېرىق كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى يىگلەپ، سېرىق تەڭگىسىمان يوپۇرماققا ئايلانغان؛ گۈلى قوش جىنسلىق، رەڭگى
ئاق، بىرمۇنچىسى شار شەكلىدە توپلىشىپ ئۆسىدۇ، غوزا مېۋىسى يالپاقراق شار شەكلىدە بولۇپ، ئىچىدە ئىككى ~ تۆت دانە قوڭۇر ئۇرۇقى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى پىشقاندا ئۇرۇقىنى ئايرىم، چۆپىنى ئايرىم يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتلاق ۋە ئېتىزلىقلاردا پۇرچاق، بېدە قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غوللىرىدا تەييارتاپلىق بىلەن ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى كۆپەيتىش، مۇسپىيلىكنى كۈچلەندۈرۈش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ھامىلىنى ئاسراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام سېرىق يۆگەي ئۇرۇقىنى 12 گرام بۇغا مۈڭگۈز قالدۇقى، 20 گرام پىچەكگۈل بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، بەل،
پۇت ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل سېرىق يۆگەيتىن 2 ~ 4 گرامنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىق يۆگەي ئۇرۇقى، ئالقات، نېلۇپەر ئۇرۇقى، پىچەكگۈللەردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن
پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
30 گرام سېرىق يۆگەينى 450 گرام يېڭى سېغىلغان سۈتكە چىلاپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 06 مىللىلىتىر سىركەنجىۋىل قوشۇپ بىر ھەپتە ئۇدا
ئىچىپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
سېرىقيۆگەيدىن 18 گرام، ۋاسالغۇ (قۇرۇتۇلغان ئۈجمە) دىن 30 گرام ئېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈزۈپ ئىچىپ بەرسە، مالىخولىياغا ۋە
غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
21 گرام سېرىقيۆگەينى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، مالىخولىيا، ساراڭلىق ۋە سەۋدا
كۆيگەنلىكتىن بولغان كېسەللەرگە ھەم سوغۇقتىن بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىقيۆگەينى ئەمەن ۋە ئاچچىقتاۋۇز يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەرخىل نېرۋا كېسەللىكى ۋە سەۋدا كېسەللىكلىرىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سېريىقيۆگەينى بىر - ئىككى قاينىتىپ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، سۈزۈپ گۈلقەنت بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ
بەرسە، بۇزۇلغان خىلىتلارنى تازىلايدۇ.
سېرىق يۆگەينى ئۈستقۇددۇس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭىنى تازىلايدۇ.
30 گرام سېرىقيۆگەينى مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئازراق قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، پەي تارتىشىش ۋە قاتتىق جاراھەتلەرنىڭ
ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام سېرىق يۆگەي ئۇرۇقىنى 20 گرام، كەتىرا، 12 ئېرىتىلگەن ئېشەكيېلىمى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بويىدىن
ئاجراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سېرىق يۆگەي ئۇرۇقىنى تەڭ مىقداردا ئالقات، مالىنا، ئەينۇلا، جىنكېۋىزى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئۈچ بۆلۈپ ئىچىپ
بەرسە، بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىق يۆگەي مايسىسىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بالىلارنىڭ باش - يۈزىدىكى چاقا ۋە ئىسسىقتىن بولغان يەلتاشمىلارغا
ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.