قىزىل چۇغلۇق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۇغلۇققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئاساسىي غولى ئېنىق، يان غوللىرى سېمىز بولۇپ، تاياققا ئوخشايدۇ، قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. غولى ئايرىم ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنىسىغا كەتكەن سىزىقچىلىرى بار. تۆۋەن قىسمى كۆپىنچە بېغىر رەڭ سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، ئىككى قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقچىلىرى رەتسىز تېيىز چوڭقۇر ياكى تولۇق يېرىلغان؛ گۈلى قىزىل، غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى باھاردا ۋە كۈزدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ، چاچما يىلتىزلىرىنى
ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تولۇق نەملەپ كېسىپ، يالپاقلاپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئورمانلىق ۋە ئوتلاقلارنىڭ ئاپتاپ چۈشمەيدىغان نەم يەرلىرىدە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
گرام قىزىل چۇغلۇقنى 20 ~ 60 گرام كەتىرا، 12 گرام كىرەش، ئالتە گرام چۈەنچۇڭ، 15 گرام شاپتۇل مېغىزى، 10 گرام زاراڭزا چېچىكى،
10 گرام سازاڭ، 5.2 گرام چايان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ياتتا پالەچ ۋە كۆز، ئېغىز مايماق بولۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىل چۇغلۇقتىن سەككىز گرام، قارىمۇقتىن 25 گرام، كىرەش يىلتىزىدىن 35 گرام، دولانىدىن 70 گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 25 گرام،
زاراڭزا چېچىكىدىن 35 گرام، گۈلبوغۇندىن 30 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،
ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان تومۇر تارىيىش ۋە قان تۇرۇپ
قېلىش خاراكتېرلىك جىگەر دائىرىسى ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قىزىل چۇغلۇقنى 12 گرام ئارپىبەدىيان، 10 گرام كىرەش، سەككىز گرام چۈەنچۇڭ، 12 گرام يېكەن سېرىقى، 10 گرام ئۇچار چاشقان
مايىقى، 12 گرام ئەمەن يوپۇرمىقى، 10 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە ھەيز نورمالسىزلىققا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىل چۇغلۇقتىن 20 گرام، گۈلبوغۇندىن 35 گرام، تاجىگۈلدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇنغا قان
ئارىلىشىپ كېلىش ۋە قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قىزىل چۇغلۇقنى 35 گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.