UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىبىنەپشە

بىنەپشە

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ بىنەپشە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق غولسىز، بىنەپشىگە ئۇرۇقداش كىچىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسكەن، شەكلى ئادەتتە سوقىچاق بولۇپ، ئۇزۇن ساپىقى بار؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن بىرقانچە كىچىك گۈل چىقىپ تۇرىدۇ، ھەربىر گۈل شېخىنىڭ ئۇچىدا بىر تالدىن گۈل ئۆسكەن بولۇپ، رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈزدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا ياكى سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلارنىڭ قورغاق باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. قىزىتمىنى پەسەيتىش، زەھەر تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، سەپرا ۋە قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، كۆكرەكنى سىلىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. بىنەپشە ۋە مامكاپتىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ، تىرىپلىرىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام بىنەپشىنى 35 گرام ئوسما يىلتىزى، 20 گرام ئۇچقات، 18 گرام ئوسما يوپۇرمىقى، 20 گرام مامكاپ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر يىرىڭلىق ئىششىق، چىقان ۋە ھەرخىل يارىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بىنەپشە ۋە ئۇچقاتتىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، لىمفا كانال ياللۇغىغا ۋە سەينەكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى بىنەپشىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق، سوقۇرئۈچەي ياللۇغى، ئۆتكۈر كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بىنەپشىنى ئارپا سۈيى ۋە ئەينۇلا بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باش ئاغرىقى، يۆتەل، كۆكرەك ئاغرىقى، گال ئاغرىقى، جىگەر، تال كېسەللىكلىرى، سوڭ چىقىش، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە بۆرەك ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. يېڭى بىنەپشىنى پۇراپ بەرسە، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. ئالتە گرام بىنەپشىنى سوقۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. بىنەپشىنىڭ يېڭى گۈلىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ. بىنەپشىنى بابۇنە بىلەن قاينىتىپ يەرلىك ئورۇنغا قويۇپ ياكى ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى تۆۋەنلىتىپ، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 30 گرام بىنەپشە يوپۇرمىقىنى 10 گرام شېكەر بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كىچىك بالىلارنىڭ سوڭىنى كىرگۈزىدۇ. بىنەپشە يېغى بىلەن يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، ھەرخىل تېرە كېسەللىرى، چاچ چۈشۈش، تېرە قۇرغاقلىشىش ۋە ئىسسىقتىن بولغان مۇپاسىل ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىنەپشىنىڭ ئۆزىنى موم بىلەن خېمىر قىلىپ كۆكرەككە چېپىپ بەرسە، كىچىك بالىلارنىڭ ئىسسىقتىن بولغان يۆتەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل بىنەپشىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى يەرلىك ئورۇنغا تېمىتىپ بەرسە، سۈيدۈكنىڭ كۆيۈپ كېلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى