UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچۆل رەيھىنى

چۆل رەيھىنى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۆل رەيھىنىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆتكۈر خۇشخۇي پۇرىقى بولىدۇ؛ غولى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، خالىغان يەرگە يىلتىز تارتىپ كېتىۋېرىدۇ، شاخلىرى ناھايىتى كۆپ، تۆۋەنكى قىسمى ياغاچلانغان، قىزغۇچ خورما رەڭلىك بولىدۇ؛ گۈل شاخلىرى تىك، تۆت قىرلىق، ئېگىزلىكى 3 ~ 15 سانتىمېتىر بولۇپ، جىگەررەڭ كېلىدۇ؛ كىچىك يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك، قىسقا سېپى بولىدۇ. تۈۋى قىسمىدا قاتتىق تۈكلىرى بولىدۇ؛ سۆسۈن رەڭلىك كالپۇكسىمان كىچىك گۈللىرى شېخىنىڭ ئۇچىغا توپلىنىپ، ئايلانما كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. مېۋىسى كىچىك، قاتتىق مېۋە. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە چېچەكلىگەن مەزگىلدە كولىۋېلىپ، سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. تارتىشىپ قېلىشنى يېشىش، يەل ھەيدەش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. چۆل رەيھىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام، كۆكيۆتەل، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. چۆل رەيھىنىنى ئۇۋۇلاپ، پىلىك ياساپ، كۆيدۈرۈپ ھويلا ئاراملارغا ئىسرىق سالسا، پاشا ئۆلتۈرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چۆل رەيھىنىنى يۇمشاق ئېزىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەل توختىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
چۆل رەيھىنى | UyghurWiki | UyghurWiki