UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكەۋرەك

كەۋرەك

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەۋرەشكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 001 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم ۋە يۇمشاق بولۇپ، ھالقىسىمان ئىزلىرى بولىدۇ، تىك ئۆسىدۇ، يىلتىزىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە قارامتۇل سېرىق رەڭدىكى تالاسىمان يوپۇرماق سېپىنىڭ قالدۇقى بولىدۇ، غولى تىك، يەككە ئۆسىدۇ؛ تۈۋىدىن چىققان يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇن سېپى بار، يوپۇرماق ئالىقىنى ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان تولۇق يېرىلغان بولۇپ، يېرىقچىلىرى يىپسىمان، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى كىچىكرەك بولىدۇ، مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدا ياكى ئۇچىدا ئۆسىدۇ. گۈلى كىچىك، ئاق، قوش ئاسماق، مېۋىسىنىڭ شەكلى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان، رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئۇچىنى كېسىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس تاغ باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. يەل تارقىتىش، بەدەن سىرتىدىكى ئىللەتلەرنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. كەۋرەكتىن 12 گرام، چاكاندىدىن سەككىز گرام، زۇلفا يوپۇرمىقىدىن 12 گرام، سەرپىستاندىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كەۋرەكتىن 12 گرام، پەربۇندىن 20 گرام، چاكاندىدىن سەككىز گرام، زۇلفا يوپۇرمىقىدىن 12 گرام، سەرپىستاندىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كەۋرەك، قوڭغۇراقگۈلدىن 12 گرام، چاكاندىدىن سەككىز گرام، زۇلفا يوپۇرمىقىدىن 12 گرام، سەرپىستاندىن 10 گرام، ئۆرۈك مېغىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامدىكى يۆتەل ئېغىر بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام كەۋرەكنى سەككىز گرام سەرپىستان، 12 گرام چاي يوپۇرمىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كەۋرەكتىن 12 گرام، كىرەشتىن 10 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 12 گرام، ئۆرۈك مېغىزىدىن 15 گرام، چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانادىن 10 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام، خام زەنجىۋىلدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام كەۋرەكنى 10 گرام ئىزغۇل، سەككىز گرام قىزىل چۇغلۇق، تۆت گرام خام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى