UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىبۇغىئوت

بۇغىئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بۇغىئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن تېنىدە ئاقۇچ كۈل رەڭ يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلىمايدۇ، ئۇزۇنىسىغا كەتكەن ئېرىقچىلىرى بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ، گىرۋىكىدە ھەرە چىشلىرى بولىدۇ. گۈل رېتى باشسىمان گۈل رېتى بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ، گۈل رېتىنىڭ سىرتىدا بىرقانچە قەۋەت تەڭگىسىمان خورما رەڭ ئورىغۇچى ياپراقچىلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىيازدا ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى تاغلارنىڭ سايە ۋە نەم يەرلەردىكى ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. روھ ۋە قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇغىئوتنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن چارچاشقا مەنپەئەت قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇغىئوت يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ياكى سۇيۇق چىلانما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىشتىھاسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇغىئوت يىلتىزىدىن 20 پىرسەنتلىك ئىسپىرتلىق ياسالما (تىنكتۇرا) ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 8 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى