چاكاندا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چاكاندا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تىك ئۆسىدىغان، چاكاندىغا ئۇرۇقداش كىچىك چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم ۋە قاتتىق بولىدۇ، كونىرىغان غولى ياغاچقا ئايلانغان بولۇپ، توم، تىك ئۆسىدۇ، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر، ياش غولى چاتاقلاپ ئۆسكەن بولۇپ، رەڭگى كۈل رەڭ يېشىل، بوغۇم ئارىلىقى ئىنچىكە ۋە قىسقا، قۇرۇغاندا سۇندۇرسا ئوتتۇرىسىدىن سارغۇچ جىگەررەڭ ئۇنسىمان ماددا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزنى قورۇيدىغان تەمى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى يىگىلەپ تەڭگىسىمان يوپۇرماققا ئايلانغان. گۈلى تاق جىنىسلىق بولۇپ، ئانىلىق گۈل رېتى كۆپىنچە بوغۇمدا جۈپ بولۇپ ئۆسىدۇ، شىرنىلىك مېۋىسى قىزىل ۋە ئەتلىك بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېشىل شېخى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېشىل شېخىنى كەچ كۈزدە كېسىۋېلىپ، ئۇششاق كېسىپ ئاپتاپتا قۇرتۇپ ياكى ھەسەل بىلەن قورۇپ، يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا كولىۋېلىپ، نېپىز توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس تاغ باغرىلىرى ۋە دەريا ۋادىلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
يۆتەل توختىتىش، دەم سىقىشنى بېسىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىچكى ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ چاكاندا 2 ~ 12 گرام، چاكاندا يىلتىزى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ.
چاكاندا، ئۆرۈك مېغىزى، چۈچۈكبۇيىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام چاكاندىنى 12 گرام ئۆرۈك مېغىزى، 35 گرام خام گەج (ئاۋۋال قاينىتىلغان)، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چاكاندىدىن سەككىز گرام، چاچراتقۇدىن 21 گرام، ئاق چۇغلۇقتىن 10 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام خام چاكاندىنى 15 گرام ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى، 25 گرام ياڭاق مېغىزى، 12 گرام قارا ئەندىزنىڭ يەر ئۈستى قىسمى، 20 ~
25 گرام خام ئەگرىسۇنا، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام چاكاندا يىلتىزىنى 20 گرام پۈچەك بۇغداي بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش ۋە ئوغرى تەرگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
چاكاندا يىلتىزىدىن 5.3 گرام، ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدىن 12 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن 10 گرام، توخۇ تۇخۇمى بىر تال، تۇخۇمنى
يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل دورا بىلەن 20 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، تۇخۇمنىڭ شاكىلى ئېلىۋېتىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە (دورا
سۈيى ئىچىلمەيدۇ)، كانايچە زىققىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.