بەھمەن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ بەھمەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بەھمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك بولۇپ، يۇقىرى قىسمى شاخلايدۇ. بىر تەرەپكە قىيپاش ئۆسىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇزۇنچاقراق تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق بولۇپ، بەسەيگە ئوخشاش توپلىشىپ ئۆسىدۇ. غولىدىكى يوپۇرمىقى يىگلەپ تەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، رەڭگى قوڭۇر بېغىر رەڭ، گىرۋىكىدە ئاق پەردىلەشكەن ماددىلىرى بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى خۇددى سۈپۈرگىگە ئوخشايدۇ، گۈل كاسسا ياپرىقى پەردىلەشكەن، رەڭگى ئاق، ۋارونكىغا ئوخشايدۇ، گۈلى كۆكۈش سۆسۈن كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
باھنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام بەھمەننى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ بويۇنى راكى ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بەھمەننى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە شېكەر قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
بەھمەننى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چاچنى پارقىراق، خۇشبۇي، ئۇزۇن قىلىدۇ.
بەھمەننى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ۋە يۈرەك ئاجىزلىقى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، بۆرەك يوللىرىدىكى تاش ۋە شىلىمشىق بەلغەملەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەھمەننى قاينىتىپ شېكەر قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
بەھمەننى نوقۇت، بادام بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنى سەمرىتىدۇ.
بەھمەننى تۇز ۋە ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ يۈزگە چېپىپ بەرسە، چىراينى جۇلالاندۇرۇپ، چىرايلىق قىلىدۇ.
بەھمەننى زەپەر بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، پاكىز داكا ياكى پاختىغا سېپىپ بالىياتقۇ ئاغزىغا قويۇپ بەرسە، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنى تازىلاپ، خۇشبۇي قىلىدۇ.